باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
ئالمىنىڭ پاي باھاسى %3.8 چۈشتى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 14:34:30

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما بىر قانچە كۈن بۇرۇن iOS 8 نى يىڭىلاشتا كاشلا چىققانلىقتىن ئۇچۇق ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان، پەيشەنبە كۈنى(25-سېنتەبىر)بازار ئېچىلغاندىن كېيىن ئالمىنىڭ پاي باھاسى %3.8 چۈشكەن، بازار قىممىتى 23 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پارلىنىپ كەتكەن. بۇ قېتىم ئالمنىڭ پاي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئامېرىكا پايلىرىغا ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كېتىش ئاۋارىچىلىقى ئېلىپ كەلدى. پەيشەنبە ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچ ھەممىسىلا چۈشۈپ كەتتى، دوۋ جونىس سانائەت كۆرسەتكۈچى 264 نۇقتا چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %1.5 كە يەتتى، ناسداك ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچى 88.47 نۇقتا چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى % 1.94 كە يەتتى، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 32.31 نۇقتا چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %1.62 كە يەتتى.

ئالمىنىڭ پاي باھاسى %3.8 چۈشۈپ، ئۆلچەملىك پور 500 تەركىبىدىكى چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ پاي چېكىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئالمىدىن باشقا، ۋال كوچىسىدىكى باشقا پەن-تېخنىكا پايلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە چۈشكەن، مىكروسوفتنىڭ پاي باھاسى %2.2 چۈشكەن، ئىنتېلنىڭ %1.7 چۈشكەن.

ئالما پاي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئاساسلىقى يېقىندا تارقالغان سەلبىي خەۋەرلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ شىركەت يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونى، كۆچمە مەشغۇلاتى سىستېمىسى iOS 8.0.1 نىمۇ ئابونىنېتلارغا تەۋسىيە قىلغان. ئەمما سىستېما يېڭىلانغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئابونىنېتلارنىڭ يانفونىدا تېلېفون قوبۇل قىلالماسلىق ياكى تېلېفون ئۇرالماسلىق كېلىپ چىققان، ئالما ئامالسىز ئۇچۇق ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان، ئېكران تېخىمۇ چوڭ، قېلىنلىقى تېخىمۇ نېپىز بولغان iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus لارمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بەزى ئابونېنتلار بۇ نۇسخىدىكى يانفوننى يانجۇققا سالغاندىن كېيىن شەكلى ئۆزگىرەپ كېتىدىكەن دەپ ئاغرىنغان.

بىراق ئانالىزچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالما شىركىتى بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كىتەلەيدۇ، پايچېكى باھاسى يەنە ئۇزۇنغا قالماي ئەسلىگە قايتىدۇ دەپ قارىغان.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق