باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونى كورىيەدە سېتىلىپ تۈگىدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 15:14:45

كورىيە ZDNet تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى Phablet بايراقدار يانفونى- Galaxy Note 4 يانفونى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى كورىيىدە سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، نەچچە سائەت ئىچىدىلا سېتىلىپ تۈگىگەن، گەرچە بۇ قېتىم سېتىلغان يانفونلارنىڭ مىقدارىدا قىلچە ساختىلىق ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يانفون سېتىلىش مىقدارى يەنىلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كۈتكەن پەرىزىدىكىگە يەتمەي قالغانىدى. كورىيىدىكى كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرى تىجارەتچىلىرىدىن-SK Telecom ۋە KT شۇنداقلا LG U+ قاتارلىق ئۈچ چوڭ كۆچمە ئالاقە تىجارەتچىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا 10 مىڭ دانىدىن Galaxy Note 4 يانفونى سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ يانفوننىڭ شۇ كۈنى پەقەت كورىيىدىكىلا سېتىلىش مىقدارىنىڭ 30 مىڭ دانىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ زادى يانفون ئابونتلىرىنىڭ دۇكانغا بېرىپ سېتىۋالغان يانفون مىقدارى ياكى ئۈچ چوڭ كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئالدىن زاكاز قىلغان يانفون سېتىلىش مىقدارى ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، سامسۇڭ شىركىتى يۇقارقى ئۈچ چوڭ كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرى تىجارەتچىسىدىن باشقا ئاساسلىق تور دۇكانلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرىغا سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونىنى سالمىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونىنىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق