باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
iPhone 6 نىڭ بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش سېنزورىTouchID ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 20:06:51

 

ياپونىيەنىڭ ITmedia تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە بىخەتەرلىك شىركىتى Lookout ئالما iPhone 6 نىڭ بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش سېنزورى «TouchID» غا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، iPhone 5s نىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، iPhone 6 نىڭ TouchID نى يەنىلا ئېچىۋېتىش مۇمكىنچىلىكى باركەن. ئىلگىرىكى 2013-يىلىدىكى iPhone 5s نىڭ TouchID گە غا سېلىشتۇرغاندا، بىر قىسىم كىشلەر يېشىۋېتىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان. پەقەت يانفوننى يۈزىدىكى ئەينەك ئۈستىگە ئابونىتنىڭ بارماق ئىزىنى كۆپەيتىدىغان پىلاستىر قويۇپ قويۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بارمىقىنى باسسىلا، تونىغاندىن كېيىن ئەركىن ھالدىلا TouchID نى ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ.

Lookout شىركىتىنىڭ 23-سىنتەبىردىكى بىلوگىدا، بۇ قېتىملىق iPhone 6 نىڭ TouchID نىڭ ياخشىلانغان-ياخشىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، iPhone 5s كە ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ساختا بارماق ئىزى ياساپ، iPhone 5s ۋە iPhone 6 نى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرگەن. يەكۈن بولسا: ئىككى يۈرۈش يانفوننىڭ سېنزورىدا كۆرىنەرلىك پەرق يوق. گەرچە iPhone 6 نىڭ سېنزورىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىك تەرەپتە يەنىلا كۈچەيمىگەن.

ئەمما Lookout شىركىتى ئوخشاشلا، TouchID نى ئېچىۋېتىشكە مەلۇم تېخنىكا، سەۋرچانلىق ۋە بارماق ئىزىنى مۇكەممەل كۆپەيتىش لازىم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەمدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئادەم دەرھال زەربە بەرسە، بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، TouchID نىڭ بىخەتەرلىك قوغداش ئۈنۈمىنىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق