باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
iPhone 6 ئېلان قىلىنىشقا ئاز قالدى، قولىڭىزدىكىiPhone 5s نى قانداق بىر تەرەپ قىلاي دەيسىز؟
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 17:10:04

يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى، قولىڭىزدىكى كونا ئايفوننى قانداق بىر تەرەپ قىلاي دەۋاتىسىز؟

CNN تور بېكىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىدە دىيىلىشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ئالما مەستانىلىرى ھازىردىن باشلاپ قولىدىكى كونا ئايفوننى بىر تەرەپ قىلىشنى باشلىسا بولىدىكەن.

ماقالىدە دىيىلىشىچە، ئالما شىركىتى ھەر قېتىم يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، كونا نۇسخىدىكى نىمكەش ئايفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ئالما شىركىتى پىلان بويىچە 9-ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون (iPhone 6) نى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە ئىككى ھەپتە ۋاقىت قالدى.

داڭلىق نىمكەش ئېلېكتىرون بۇيۇملىرى سودا سۇپىسى بولغان Gazelle تور بېكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، كونا نۇسخىدىكى ئايفوننىڭ سېتىلىش باھاسى %20 تۆۋەنلەيدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئسىتېمالچىلارنىڭ قولىدىكى 16GB لىق iPhone 5s نى نىمكەش بازاردا سېتىش باھاسى يۇقىرى بولغاندا 290 دوللارغا چىققان، بىراق، ئاخىرقى پۈتۈشۈش باھاسىنىڭ قانچە بولۇشى ئايفوننىڭ قايسى خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تورىنى قوللايدىغانلىقىغا باغلىق ئىكەن.

Gazelle تور بېكىتى بۇندىن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ھازىردىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئابونتلار ئەگەر قولىدىكى iPhone 5s نى سېتىشنى خالىسا، ئۇنداقتا مەزكۇر تور بېكەت ئارقىلىق باھالىتىش ئېلىپ بارسا بولىدىكەن، ئابونتلار iPhone 6 نى قولىغا ئالغاندىن كىيىن، ئاندىن قولىدىكى كونا iPhone 5s نى تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدىكەن. iPhone 5s ئابونتلىرىنىڭ قولىدىكى ئايفوننى سېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن، Gazelle تور بېكىتى يىقىندا يەنە يۇقىرى باھادا يىغىۋىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۈپىتى ياخشى بولغان iPhone 5s نى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 350 دوللاردىن سېتىۋالىدىكەن.

نۆۋەتتە كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھالدا، ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 4.7 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەن iPhone 6 نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ دەپ قاراشماقتا، ھالبۇكى، 5.5 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى چوڭ ئىكرانلىق iPhone 6 نىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. ئىگەللىنىشىچە، ئالما شىركىتى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 80 مىليوندىن ئارتۇق iPhone 6 ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان، بۇ 4.7 ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئىككى خىل نۇسخىدىكى ئايفوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق