باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
لىيەنشىياڭ ئامېرىكىدا 70 مىليون دوللارلىق تۆلەمگە بۇيرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 17:42:23

يىقىندا تارقالغان خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، لىيەنشىياڭ شىركىتى ئامېرىكىدا بازارغا سالغان Ideapad دە كۆرۈلگەن مەسىلە ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىغانلىقتىن، ئامېرىكىلىق ئىستېمالچىلار لىيەنشىياڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان، لىيەنشىياڭ شىركىتى بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 70 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىمەكچى بولغان. لىيەنشىياڭ شىركىتى تۈنۈگۈن بۇ ئىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 70 مىليون دوللارلىق تۆلەم مەسىلىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، لىيەنشىياڭ تەرەپنىڭ ئابونتلار بىلەن مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بولغانلىقى، بىراق، تۆلەم بېرىش مەسىلىسى ھازىرچە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

«مەھسۇلاتىنىڭ تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولغاچقا،لىيەنشىياڭ گوروھى 80 مىڭدىن ئارتۇق ئابوونتنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچرىغان.»

چەتئەلدىكى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ ئىشتىكى دەۋاگەر ئەسلىدە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق گەيرۈيت كاكۇتا ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، كاكۇتانىڭ مەقسىتى لىيەنشىياڭ شىركىتىنىڭ Ideapad ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى خاتىرە كومپىيۇتېرىدا ساقلانغان مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئىكەن، بىراق، مەسىلە ھەل قىلىنمىغاندىن كىين، ئۇ كوللىكتىپ ھالدا سوتقا ئەرز قىلىش يولىنى تاللىغان.

ئەمەلىيەتتە بۇ كوللىكتىپ ئەرز قىلىش ئىشى 2013-يىلى 2-ئايدىن باشلانغان. كاكۇتا ئىسىملىك بۇ كىشى لىيەنشىياڭنىڭ Ideapad U310 ۋە Ideapad U410 تىپلىق ئىككى خىل مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتلىق فىدراتسىيە سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، لىيەنشىياڭ شىركىتىنى مەھسۇلاتىنىڭ سىمسىز تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتىنىڭ بەك ئاستا ئىكەنلىكى، بەزىدە ھەتتا تورغا ئۇلىغىلى بولمايدىغانلىقى مەسىلىسى بىلەن ئەيىبلىگەن. سوت تەرەپنىڭ ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 80 مىڭدىن ئارتۇق ئابونت بۇ قېتىملىق كوللىكتىپ ئەرز قىلىش دىلوسىغا قاتناشقان، تەخمىنەن 83 مىڭ دانە ئۈسكۈنىسىدە يۇقارقى مەسىلە ساقلانغان دىيىلگەن.

دوكلاتتا دىيىلىشىچە، لىيەنشىياڭ شىركىتى نۆۋەتتە ئابونتلار بىلەن مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلغان. ھەل قىلىش لايىھەسىدە دىيىلىشىچە، ئامېرىكىداIdeapad U310 ۋە Ideapad U410 تىپلىق لىيەنشىياڭ كومپىيۇتېرىنى سېتىۋالغۇچىلارغا مۇنداق ئۈچ خىل تاللاش بېرىلگەن: ھوقوق بېرىلگەن مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، ئۈسكۈنىنى ھەقسسز رېمونت قىلدۇرۇش؛ 100 دوللارلىق تۆلەم ھەققىگە ئېرىشىش؛ ياكى لىيەنشىياڭ ئورگان تور بېكىتىنىڭ 250 دوللار قىممىتىدىكى مال سېتىۋىلىش كارتىسىغا ئېرىشىش.

لىيەنشىياڭ تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرچە تېخى كونكىرىت تۆلەم مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمىغان.

چەتئەلدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىيىشىچە، سوت مەھكىمىسى چىقارغان ماتىرىيالدا تىلغا ئېلىنغان 70 مىليون دوللارلىق تۆلەم ھەققى ئىچىدە، 49 مىليون دوللار تۆلەم ھەققى تەڭ قىممەتلىك رېمونت مۇلازىمىتى ئارقىلىق تۆلىنىدىكەن، يەنى لىيەنشىياڭ شىركىتى بۇ قېتىملىق ئەرز-شىكايىتىگە چېىتىلغان 83 مىڭ دانە Ideapad نى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىدىكەن. قالغان 20 مىليون دوللارغا يىقىن تۆلەم ھەققى نەق پۇل شەكلى بىلەن كوللىكتىپ ئەرز سۇنغۇچىلارغا تۆلىنىدىكەن.

دىمەك، يۇقارقى تۆلەم ھەققىنىڭ زور بىر قىسمىنى لىيەنشىياڭ گوروھى ھوقوق بەرگەن رېمونت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

لىيەنشىياڭ گوروھىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 70 مىليون دوللارلىق تۆلەم ئىشى پاكىتسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. ئۇلار يەنە مۇنداق دىگەن: «نۆۋەتتە، لىيەنشىياڭ شىركىتى مۇرەسسە قىلىش يولى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان زور سوممىلىق تۆلەم ھەققى مەسىلىسى ھەققىدە تېخى ھىچقانداق مۇزاكىرە بولغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇرەسسە قىلىش لايىھەسى تېخى ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكىنى يوق.»

لىيەنشىياڭ شىركىتى يەنە ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن خەۋەردىكى تۆلەم سوممىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق