باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
12.9 دىيۇملۇق ئالما iPad Pro تاختا كومپىيوتېرى 2015-يىلىنىڭ 1-پەسلىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 16:34:03

 

بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بىر نامسىز زاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى نۆۋەتتە «تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئېكرانلىق تاختا كومپىيوتېر» نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ iPad تاختا كومپىيوتېرىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ كېلەر يىلىنىڭ 1-پەسلىدىن باشلاپ كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىشى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن. بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ئەڭ يېڭى iPad تاختا كومپىيوتېرىغا 12.9 دىيۇملۇق چوڭ ئېكران سەپلىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى بازارغا سېلىنغان 9.7 دىيۇملۇق ۋە 7.9 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى ئالما iPad تاختا كومپىيوتېرلىرىغا قارىغاندا كۆپ چوڭ ئىدى. ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار زاتنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتى بىلەن مال بىلەن تەمىنلەش تىجارەتچىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئېكرانلىق تاختا كومپىيوتېر مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىشنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغىنىغا ئاللىقاچان بىر يىلدىن ئاشقانىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق