باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
قايسى يانفون كارخانىسىنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسىنى يېڭىلاش سۈرئىتى ئەڭ تېز؟
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-22 20:08:01

موتورولا، سامسۇڭ، LG ۋە HTC قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسىنى يېڭىلاش سۈرئىتى تېز؟

چەتئەلدىكى تاراتقۇلار يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى چوڭ ئاندىرويىد يانفونى ياسايدىغان كارخانىلارنىڭ ئامېرىكا رايونى بويىچە سىستېما يېڭىلاش سۈرئىتىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، موتورولا شىركىتى بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرغىنى HTC بولغان.

بۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقات تۈرى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئاندىرويىد 4.4 KitKat (شاكىلات) نى مىسال قىلغان، يانفون كارخانىلىرى ۋە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان كونا نۇسخىدىكى ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ سىستېما يېڭىلاش ۋاقتى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇلغان.

يېڭىلاش بولىقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغىنى ئەلۋەتتە Nexus تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردۇر، ئەسلى ھالەتتىكى سىستېما قاچىلانغانلىقى ۋە تۇنجى تۈركۈمدە سىستېما يېڭىلاش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغاچقا، Nexus يانفونلىرى پەقەت 14 كۈن ۋاقىت ئىچىدىلا KitKat گە يېڭىلانغان. باشقا يانفونلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئۇنىڭغا قاچىلانغان سىستېمىنىڭ ئۆزگەرتىلىش دەرىجىسىگە باغلىق ئىكەن.

موتورولا يانفونلىرىنىڭ سىستېما ئارا يۈزى ئەسلى ھالەتتىكى ئاندىرويىد سىستېمىسىغا يېقىن كېلىدىغان بولغاچقا، سىستېما يېڭىلاش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، موتورولا Moto X يانفونى 19 كۈن ۋاقىت ئىچىدە KitKat گە يېڭىلانغان، بۇ جەھەتتە Nexus دىن پەقەت بەش كۈن كېيىن تۇرغان.

HTC نىڭ سىستېما يېڭىلىشىغا بىر ئاي ۋاقىت كەتكەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ شىركەت سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، Android L سىستېمىسى ئېلان قىلىنىپ 90 كۈن ئىچىدە M7 ۋە M8 قاتارلىق يانفونلىرىنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، شۇنداقلا بايراقدار دەرىجىسىدىكى يانفونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى يىلغىچە سىستېما يېڭىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئارا يۈزى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ يېڭى سىستېمىغا يېڭىلاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئىگەللىنىشىچە، Galaxy S4 يانفونى ئېلان قىلىنىپ 3.7 ئايدىن كېيىن ئاندىن KitKat گە يېڭىلانغان.

سامسۇڭ يانفونلىرىغا قاچىلانغان سىستېما ئارا يۈزى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى تېز سۈرئەتتە يېڭىلاشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سامسۇڭ ئەسلى ھالەتتىكى ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ھەربىر كىچىك بۆلەكلىرىگىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان بىر قاتار ئەپلىرىنى قاچىلىۋەتكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەپلەرنى ئابونتلار ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ.

LG شىركىتى سىستېما يېڭىلاش سۈرئىتى جەھەتتە ھەممىنىڭ ئارقىدا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ G2  ناملىق بايراقدار يانفونىنىڭ KitKat سىستېمىسىغا يېڭىلىنىشىغا توپتوغرا 4.6 ئاي ۋاقىت كەتكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى كونكىرىت سەۋەبلەر سامسۇڭنىڭكى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق