باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
دۆلىتىمىزدىكى 4G ئابونتلىرى سانىنىڭ %99.8 ىنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىگەللىگەن
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 18:01:41

 

 

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 7-ئايلىق تىجارەت ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمە كەسپلەر جەھەتتە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىنىڭ سانى جەمئىي 296 مىليونغا يەتكەن، بۇ بىر ئاي ئىچىدە جەمئىي 888 مىڭ ئابونت كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدىكى ئابونت سانىنىڭ كۆپىيىشى ئەڭ ئاز بولغان بىر ئاي بولۇپ قالغان.

مۇقىم تور كەسپى جەھەتتە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كەڭ بەلباغ تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى 67 مىليون 798 مىڭغا يېتىپ، بۇ بىر ئاي ئىچىدە كۆپەيگەن ئابونت سانى 378 مىڭ بولغان؛ مۇقىم تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ سانى 85 مىليون 44 مىڭغا يەتكەن، بۇ بىر ئايدا تەخمىنەن 631 مىڭ ئابونت ئازىيىپ كەتكەن، 7-ئاي ئىچىدە، كۆچمە ئۈسكۈنە سۇپىسىغا قارىتىلغان كەڭ بەلباغ سىمسىز تورى كەسپىنىڭ ئومومىي ئابونت سانى 45 مىڭ كىشى كېمىيىپ كەتكەن

4G تورى كەسپى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى باشلامچى ئورۇندا تۇرغان. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى 4G تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى ئاللىقاچان 13 مىليون 970 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ھالبۇكى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېلان قىلغان 6-ئايلىق ئابونت سانى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇ يىل 6-ئاي ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن 4G تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى بەش مىليون 834 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئومومىي ئابونت سانى 13 مىليون 943 مىڭ كىشى بولغان، بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى دۆلىتىمىزدىكى 4G تورى ئابونتلىرى ئومومىي سانىنىڭ %99.8 ىنى ئىگەللىگەن.

يىقىندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ 7-ئايلىق تىجارەت ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىنىڭ ئومومىي سانى 794 مىليون كىشىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 3G تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى 241 مىليون بولغان، 4G تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى بولسا 20 مىليون 437 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن %46.6 ئاشقان.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىگە TD-LTE شەكلىدىكى 4G تورى ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىپ بەرگەن، بىراق، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلگىراف خەۋەرلىشىش شىركىتى FDD-LTE شەكلىدىكى 4G تورىنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىشنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 4G تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا باشلامچى ئورۇنغا ئۆتىۋالغان.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى جۇڭگو تېلگىرافى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە FDD/TDDLTE ئارىلاشما شەكىللىك 4G تورى ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىپ بەرگەن، ئىككى شىركەت نۆۋەتتە مەملىكەت مىقياسىدىكى 16 چوڭ شەھەردە TDLTE ۋە LTEFDD ئارىلاشما شەكىلدىكى 4G تورىنى سىناق قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق