باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
شۈنلېي 33 مىليون دوللار بىلەن جىنشەننىڭ تور دېسكا كەسپىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 17:03:48

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شۈنلېي (چاقماق) شىركىتى 33 مىليون دوللار باھا بىلەن جىنشەن تور تېخنىكا شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كۇەيپەن (چاقماق دېسكا) تور دېسكىسى مۇلازىمىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولغان.

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان مالىيە دوكلاتىدا دىيىلىشىچە، شۈنلېي شىركىتى كۇەيپەن تور دېسكىسى تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا 33 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن كۇەيپەن تور دېسكىسى شەخسىلەر نۇسخىسىنىڭ ئالاقىدار كەسپلىرى ۋە مۇقىم مۈلۈكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولغانلىقىنى، قوشۇۋېلىش سودىسىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا تاماملىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇندىن ئىلگىرى، جىنشەن تور تېخنىكا شىركىتىمۇ كۇەيپەن تور دېسكىسى كەسپىنى سېتىش پىلانى بارلىقىنى جاكارلىغان، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ تېخى قانۇنىي كۈچكە ئىگە كېلىشىم ھازىرلىمىغان.

ئىگەللىنىشىچە، جىنشەن شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كۇەيپەن تور دېسكىسى شىياۋمى كۆچمە ئابونتلىرىغا بەلگىلەنگەن بۇلۇت سۇپىسى ساقلاش مۇلازىمىتى بولۇپ، شۈنلېي، جىنشەن ۋە شىياۋمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لېيجۈننىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر يۇقارقى قوشۇۋىلىش سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچىسى لېيجۈن دەپ قارىغان. كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر سودا شۈنلېي شىركىتىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان تېز سۈرئەتلىك ساقلاش تېخنىكىسى ئاساسىدىكى بۇلۇت سۇپىسى مۇلازىمىتىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق