باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
ئايروپىلاندا تورغا چىقىش ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
مەنبەسى:تاڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 11:21:33
 

    

بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بېيجىڭدىن چېڭدۇغا ئۇچقان دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى CA4116 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشتە ئۇچقان CA4109 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى تۇنجى تۈركۈم تەلەيلىك يولۇچىلار 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا تورغا چىقىش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولدى. ئايروپىلانغا چىقىپ باققان يولۇچىلارغا مەلۇمكى ئايروپىلاندا يان تېلېفون ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ، تاختا كومپيۇتېر ۋە خاتىرە كومپيۇتېرلارنى پەقەت ئايروپىلان مۇقىم ئۇچۇۋاتقان چاغدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئايروپىلاندا تورغا چىقسا ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتەمدۇ – يوق؟

كۆپ يىللىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يان تېلېفوننىڭ خىزمەت چاستوتىسى بىلەن ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىزمەت چاستوتىسى يېقىنلىشىپ قالىدىغان بولغاچقا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە قارىتا يوشۇرۇن خەۋپى بولىدۇ. ئەمما باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، مەسىلەن: ئالما تاختا كومپيۇتېرى قاتارلىق كۆچمە ئىنتېرنېت تور ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەۋاتقان چاغدا چىقىرىدىغان ئېلېكتىرماگنىت سىگناللىرى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچىشىغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە تورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە يان تېلېفوننىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلگەن ئەھۋالدا باشقا كۆچمە تور ئۈسكۈنىلىرىدىن ھېچقانچە پەرقى بولمايدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىققان چاغدا ئايروپىلان خادىملىرى يان تېلېفوننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى تارقىتىدىغان ياكى تارقاتمايدىغانلىقىغا، ئەمەلىي نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىگە كاشىلا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇمۇ نۆۋەتتە يان تېلېفونغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىراق ھازىر خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىدە يېڭى تېخنىكىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى، يەنى ئايروپىلانغا كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى ئورنىتىپ بىۋاسىتە ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى بىلەن ئۇلايدۇ، ئاندىن مۇۋاپىق توسقۇچى ئۈسكۈنە ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ پەقەت ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى بىلەنلا ئۇلىنىشىغا يول قويۇلۇپ، يان تېلېفون كۈچلۈك رادىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى كەلگۈسىدە ئايروپىلاندا يان تېلېفون ئىشلىتىش تورغا چىقىشقا ئوخشاش ئاددىيلىشىپ كېتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق