باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
5-ئايدا ئالما iPhone 5s يانفونى ئەڭ بازارلىق يانفون بولۇپ قالدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-16 14:11:02

شىياڭگاڭ بازار تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش ئورگىنى-Counterpoint نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2014-يىلى 5-ئايلىق پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 5-ئايدا ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5s يانفونى يەنىلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ بازارلىق يانفون بولۇپ قالغان. ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يانفونى 2013-يىلى بازارغا سېلىنغان ‹كونا يانفون› بولسىمۇ، لېكىن يانفون سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپىدە يەنىلا 1-ئورۇننى ئىگەللىگەن بولۇپ، لېكىن بۇ يىل 4-ئايدا بازارغا سېلىنغان سامسۇڭ Galaxy S5 يانفونى بولسا سېتىلىش جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرغان. لېكىن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ باشقا يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى Counterpoint ئېلان قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپىدە خېلى زور سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، سامسۇڭ Galaxy S4 يانفونى 3-ئورۇندا، سامسۇڭ Galaxy Note 3 يانفونى 4-ئورۇندا، سامسۇڭ Galaxy S4 mini يانفونى 8-ئورۇندا، سامسۇڭ Galaxy Grand 2 يانفونى بولسا 10-ئورۇندا تۇرغان. ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5c يانفونى بىلەن iPhone 4s يانفونى بولسا بۇ قېتىملىق يانفونلار سېتىلىش رەت تەرتىپىدە 5-ئورۇندا ۋە 6-ئورۇندا تۇرغان.

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىملىق پۈتۈن يەر شارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار سېتىلىش رەت تەرتىپىدە، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماركىسى- شىياۋمى يانفونلىرىدىن ئىككى خىل يانفون ئالدىنقى ئون ئەڭ بازار تاپقان يانفونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ ئىككى يانفون مەھسۇلاتى ئىچىدە شىياۋمى 3 يانفونى 7-ئورۇندا، خۇڭمىي يانفونى 9-ئورۇندا تۇرغان.
باشقا يانفونلار ئىچىدە، سونىي Xperia Z1 يانفونى، موتورولا Moto G يانفونى، خۇاۋېي رۇڭياۋ 3C يانفونى، LG G2 يانفونى قاتارلىق يانفون مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن يەر شارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار سېتىلىش رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 20 يانفون ئىچىگە كىرگەنىكەن.

Counterpoint ئېلان قىلغان پۈتۈن يەر شارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى دۇنيادىكى 35 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىن توپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سانلىق مەلۇمات يانفون مال چىقىرىش مىقدارىدىن ئەمەس بەلكى يانفون سېتىلىش مىقدارىدىن ئېلىنغان بولغاچقا، بۇ قېتىمقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ۋە پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق