باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
iPhone6 ياپونىيەدىكى ئامازون تور بېكىتىدە ئاشكارىلاندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 17:14:12

 

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى بۇ يىل كۈزدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون-- iPhone6 نى ئېلان قىلىدۇ، ھازىر، يېڭى ئايفوننىڭ مەيدانغا كېلىش ۋاقتى يېتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەر ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. iPhone6 نىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ۋىدىئولار ناھايىتى كۆپ ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، ئاشكارىلانغان رەسىملەردىن كىشىلەر iPhone 6 نىڭ شەكلىنى ئاساسىي جەھەتتىن تونۇۋالغۇدەك سەۋىيەگە يېتىپ بولدى.

يېقىندا مەلۇم بىر تورداش iPhone 6 نىڭ ياپونىيەدىكى ئامازون تور بېكىتىگە چىقىرىلغانلىقىنى بايقىغان، مەزكۇر تور بېكەتتە تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، iPhone 6 گە خەۋەرلەرگە ئېيتىلغانغا ئوخشاش 4.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 113 گىرام بولىدىكەن، شۇنداقلا 130mm×65mm×7mm ئۆلچىمىدە ياسالغان ئىكەن. ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولسا، ئۇنداقتا iPhone 5s بىلەن سېلىشتۇرغاندا، iPhone 6 نىڭ ئېكرانى چوڭايتىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئېغىرلىقى ئاشمىغان، بەلكى تېخىمۇ نېپىزلىتىلگەن.

يانفون گەۋدىسىدىن باشقا، ئۇچۇردا يەنە iPhone 6 نىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلايدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ 9-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. ياپونىيەدىكى ئامازون تور بېكىتى يەنە، 64GB لىق نۇسخىدىكى iPhone 6 نىڭ باھاسىنىڭ 139999 ياپونىيە يېنى بولىدىغانلىقىنىمۇ (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 8573 يۈەن) ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، بىراق، ئالما شىركىتىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ باھا سەل يۇقىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق