ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۈرە ئاغرىقى مۈرە ئەتراپى ياللۇغىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 15:50

مۈرە ئەتراپى ياللۇغى كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنىلا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى ئادەمنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولمىسا مۈرە بىر تەرىپى ئاغرىپ بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۈرە ئاغرىش مۈرە ئەتراپى ياللۇغىدىن باشقا يەنە قايسى خىل كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن؟

1. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى يەنە بويۇن ئومۇرتقىسى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىسى بېسىلسا ئاغرىيدۇ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى ئۇزۇن ۋاقىت باشنى تۆۋەن سېلىپ خىزمەت قىلىش.

2. جىگەر راكى

جىگەر ئەڭ جىمىغۇر ئەزا، جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن چوڭ، جىگەردە ئاغرىق سېزىمى نېرۋىسى بولمىغاچقا، شۇڭا جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەندە بايقاش ناھايىتى تەس، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىرى ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت سالىدۇ. ئەگەر جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، راك ھۈجەيرىلىرى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەم ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ، ئوڭ قىسىم مۈرىسىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. مۈرە زەخىملىنىش

مۈرە زەخىملىنىش ئادەتتە ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، 40 ياش ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. ئاساسلىقى مۈرە بوغۇمى ئەتراپىدىكى مۇسكۇل پەي توقۇلمىلىرى ئۇزۇن ۋاقىت سىرتقى كۈچنىڭ بېسىمىغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

قانداق قىلغاندا مۈرە ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش

مۈرە ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسى زىيادە چارچاشتىن كېلىپ چىقىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ

ئىككى قول بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىش مەلۇم دەرىجىدە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىككى قولنى ئاستا ـ ئاستا يۇقىرىغا، باشنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ، بەش مىنۇت ساقلاپ، توختىماي ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرۇش مۈرە ۋە بويۇن ئومۇرتقىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

مۇۋاپىق ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مۈرە مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ھەم قان ئايلىنىشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۈرە مۇسكۇللىرىنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

قىسقىسى مۈرە ئاغرىقى ئاددىيلا مۈرە ئەتراپى ياللۇغى بولۇپلا قالماي، ئۈچ خىل كېسەللىكمۇ مۈرە تېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۈرە ئاغرىقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ پەسەيتكىلى بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۈرە ئاغرىقى مۈرە ئەتراپى ياللۇغىمۇ؟

مۇۋاپىق ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مۈرە مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ھەم قان ئايلىنىشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۈرە مۇسكۇللىرىنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.