ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈنلىرىڭىزنى يەپ ئىچىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتامسىز؟ بۇ ئاددىي، ساغلام ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 15:46

نۇرغۇن كىشىلەر تەتىل، بايرام مەزگىلىدە كۆپرەك تاماق يەيدۇ، بەدەن شەكلىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. نەتىجىدە ئاسان جىددىيلىشىپ، ھەرىكەت مىقدارىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەن ئاسانلا زەخىملىنىدۇ ھەمدە بەدەن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەيلى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندا بولسۇن ياكى ئورۇقلاشتا بولسۇن، پەقەت بىر نەچچە كۈنلۈك ھەرىكەتكىلا تايانماسلىق، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئورۇقلاشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمەيدىغان بۇ بىر نەچچە خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ:

1. ھەرىكەتنى بويۇندىن باشلاش

بەدەن چېنىقتۇرۇشنى باشلاشتىن بۇرۇن بويۇننى ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنى سوزۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چىڭىغان، قېتىپ قالغان ھالىتىنى ياخشىلاپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

2. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىش

ئۆزى يالغۇز چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى تەس، ئاتا-ئانىسى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا، مۇزىكا بىلەن بىللە رادىيو گىمناستىكىسى ئوينىسا، بەدەن چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

3. ئەتراپىدىكى كۈندىلىك بۇيۇملاردىن پايدىلىنىش

ئۆيدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىسى يوقمۇ؟ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆيدىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىپمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن سۇ بوتۇلكىسىنى گانتېل قىلىپ، تېلېۋىزور كۆرگەچ ئىككى بىلەكنىڭ كۈچىنى چېنىقتۇرغىلى، ئورۇندۇق، كىرېسلو قاتارلىقلارنى تىرەك قىلىپ، يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە چىدامچانلىقىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈنلىرىڭىزنى يەپ ئىچىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتامسىز؟ بۇ ئاددىي، ساغلام ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

نۇرغۇن كىشىلەر تەتىل، بايرام مەزگىلىدە كۆپرەك تاماق يەيدۇ، بەدەن شەكلىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. نەتىجىدە ئاسان جىددىيلىشىپ، ھەرىكەت مىقدارىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدۇ،