ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سوغۇق مۇئامىلە دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-21 16:34


ئامېرىكا «نېرۋا ئىلمى» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە پائاليەتچانلىقى تۆۋەن، ئېغىر دەرىجىدە مۇئامىلىسى سوغۇق ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى سان فىرانسىسكو شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىچە يېشى 74 ياش بولغان 2018 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ سوغۇق مۇئامىلە قىلىش دەرىجىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ كىشىلەر تەتقىقات باشلانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان. توققۇز يىلدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار دورا ئىشلىتىش خاتىرىسى، دوختۇرخانا خاتىرىسى ۋە سىناق نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىملەرنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

تەتقىقات ئاياقلاشقاندا 381 ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. مۇئامىلىسى بىرقەدەر سوغۇق بولغان كىشىلەر ئىچىدە، %14ى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان؛ مۇئامىلىسى ئوتتۇراھال بولغان كىشىلەر ئىچىدە، %19ى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان؛ لېكىن ئېغىر دەرىجىدە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان كىشلەر ئىچىدە، %25ى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. تەتقىقاتچىلار يېشى، ئوقۇش تارىخى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئامىللارنى ئويلاشقاندىن كېيىن، ئېغىر دەرىجىدە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئانچە سوغۇق مۇئامىلە قىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ %80 يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.



ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى سان فرانسىسكو شۆبىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېرېدىس بوك سوغۇق مۇئامىلە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. ياشانغانلار ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى بىلەن جەم بولۇشنى خالىمايدىغان، ئۇلارغا قىزىقمايدىغان بولسا، بۇ ئالامەتلەر ياشانغانلاردا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇلار بىلەن كۆپرەك جەم بولۇش، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سوغۇق مۇئامىلە دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئامېرىكا «نېرۋا ئىلمى» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە پائاليەتچانلىقى تۆۋەن، ئېغىر دەرىجىدە مۇئامىلىسى سوغۇق ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.