ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغاندا يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش، كىنو قاتارلىق ساھەلەردە ئىستېمال جانلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 16:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

چاغان مەزگىلىدە جۇڭگودا ئىستېمال جانلاندى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغاننىڭ ھارپىسىدىن چاغاننىڭ 6-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت سوممىسى تەخمىنەن 821 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدىكىدىن %28.7، 2019-يىلىدىكى چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدىكىدىن %4.9 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بازىرىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولغان.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شياۋشەن رايونىدىكى يىنلوڭ تۈرلۈك ماللار دۇكىنىغا نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ مال سېتىۋالدى. ليۇ ئەپەندى دۇكانغا كىرىپلا بىر زەنجىرنى سېتىۋالدى. بۇ يىل چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدە ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، سوۋغا گۈل قاتارلىق سۈپەتلىك تاۋارلارنىڭ ئىستېمالى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. چاغاننى ئۆز جايىدا ئۆتكۈزۈشمۇ ئائىلە لازىمەتلىكلىرى ئىستېمالىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، چاغانلىق سوۋغات، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۇششاق يېمەكلىك، پەسىللىك كىيىم-كېچەك، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلار تىز سېتىلدى.

چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئالتە كۈنىدە مەملىكەت بويىچە چاغانلىق ماللارنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 120 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. چاغان مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىدىغان يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 1.3 ھەسسە ئاشتى، قىسمەن بۇيرۇتما تاماق سۇپىلىرىنىڭ توردىكى سېتىش سوممىسى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

بۇ يىل چاغاننى ئۆز جايىدا ئۆتكۈزۈش، ئۆز يېرىنى ساياھەت قىلىش، ئەتراپنى ساياھەت قىلىش، قىسقا مۇساپىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جانلاندى. چاغان مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە كىنو بېلىتى كىرىمى 7 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ يىل بىر يېرىم ئايدىلا كىنو بېلىتى كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلنىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشتى.

جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ پىڭ،-چاغانلىق ئىستېمال بازىرىدىكى قىزغىنلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ پۈتۈن يىللىق ئىستېمال بازىرىغا ياخشى يول ئاچتى، دېدى. 

















中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغاندا يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش، كىنو قاتارلىق ساھەلەردە ئىستېمال جانلاندى

چاغان مەزگىلىدە جۇڭگودا ئىستېمال جانلاندى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغاننىڭ ھارپىسىدىن