ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يىغىن مەيدانىدا كادىرلار نېمىشقا ئۇخلاپ قالىدۇ؟ سەۋەبى مانا

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:49


سەھنىدە قىلغان سۆزىڭىزنىڭ تايىنى بولمىسا، تۆۋەندىكى كادىرلارنىڭ ئۇخلاپ قېلىشىدىن ئاغرىنماڭ

−− ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدا (3)

يىل ئاخىرىدا ھەر دەرىجىلىك يىغىنلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يىغىنى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، بىر يېزا-بازار كادىرى چاقچاق قىلىپ: ئادەتتە خىزمەت بەك ئالدىراش، بەزىدە يىغىن ئېچىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئازراق ئۈگدىۋالىمىز، بۇ ھەم «يىغىن ئېچىش شەكلىدىكى ئارام ئېلىش»قا ھېساب، دېدى. بىرەر مۇھىم مەزمۇننى ئاڭلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەمسىلەر، دەپ سورالغاندا، قارشى تەرەپ: قورقمايمىز، ئىشقىلىپ ھۆججەت چۈشىدۇ؛ بەزىدە ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغاندا، يۇقىرىدىكىلەر ئاندىن يىغىن ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ − نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كۈلۈشنى ياكى يىغلاشنى بىلەلمەيدىغان چاقچاق. ئۇزاقتىن بۇيان، «ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى» − ئاساسىي قاتلامدىكى شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ كەلدى. 2019-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، «قاتلاممۇقاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇقاتلام يىغىن ئېچىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى قايتا باش كۆتۈرۈش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، لېكىن مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت.

يىغىن سانىدىن قارىغاندا، ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن يىغىنلار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زور زېھنىي كۈچىنى ئىگىلىۋالماقتا. بولۇپمۇ ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلاردا كادىرلارنىڭ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان ۋاقتى كۆپ، ھەر خىل يىغىن ئۇقتۇرۇشى ئالدىدا، دائىم «ئۆزىنى نەچچىگە پارچىلىغۇسى» كېلىدۇ. ناھىيەدىكى بىر تارماقنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بەزىدە بىر كۈندە تۆت-بەش يىغىن ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالىمىز، ھەر بىر يىغىندا ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ، يىغىنغا قاتنىشىشقا چاقىرىلىدۇ، ھەتتا بىرىنچى قول باشلىقلاردىن يىغىنغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، «يىغىننىڭ كۆپلۈكىدىن ئىدارىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلىرى يېتىشمەي قالىدۇ». يەنە بەزى يىغىنلاردا يىغىنغا قاتنىشىش دائىرىسى قارىغۇلارچە كېڭەيتىۋېتىلىدۇ، قارىماققا ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بېرىپ «يىغىنغا ھەمراھ بولىدۇ»، يىغىندا ئۆز ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار كىچىككىنە بولۇپ، بۇ مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي ھۆججەت، ھەتتا تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە بولىدۇ، يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

يىغىننىڭ سۈپىتىدىن قارىغاندا، ئاساسىي قاتلامدا «ئاچسىمۇ، ئاچمىسىمۇ بولىدىغان» بەزى يىغىنلار بار بولۇپ، بۇنداق يىغىنلارغا «قاتناشسىمۇ، قاتناشمىسىمۇ بولىدىغان» كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، رەھبەرلەر «ئېيتسىمۇ، ئېيتمىسىمۇ بولىدىغان» بەزى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئاچسىمۇ، ئاچمىسىمۇ بولۇش − ھەرگىزمۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم بولمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بار بولغان، ئاساسىي قاتلام ھۆججەت، سىن يىغىنى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان، يىغىن مەزمۇنى تەكرار بولغانلىقتىن، قايتا ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ قاتناشسىمۇ، قاتناشمىسىمۇ بولۇش − ھەرگىزمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مەخسۇس يىغىن مەيدانىغا بېرىپ رەھبەرلەرنىڭ نۇتۇق ئورىگىنالىنى كۆرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق؛ ئېيتسىمۇ، ئېيتمىسىمۇ بولۇش − ھەرگىزمۇ يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بەزى رەھبەرلەر ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا سۆزلەپ قويۇپ، قۇرۇق گەپ ساتىدۇ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە گىپنوز ئۈنۈمى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا تۆۋەندىكى يىغىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ مۈگدەپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، يىغىننىڭ ئۈنۈمى سانىنىڭ كۆپلۈكىگە ئەمەس، بەلكى سەرخىل بولۇشىغا باغلىق، چوقۇم يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يىغىن ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىن سانىنى ئازايتىپ، خادىملارنى ئازايتىپ، قارالمىلارنى ئازايتىپ، ۋاقىتنى قىسقارتىپ، ھەجىمنى ئازايتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمىدىن ھەقىقىي ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يىغىن مەيدانىدا كادىرلار نېمىشقا ئۇخلاپ قالىدۇ؟ سەۋەبى مانا

يىل ئاخىرىدا ھەر دەرىجىلىك يىغىنلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يىغىنى توغرىسىدا