ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېتىۋېلىندى، چاغانلىق ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى 12-يانۋار 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە 110 مىليون توننا سېتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش مىليون توننا ئېشىپ، سېتىۋېلىش سۈرىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى.

سېتىۋېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش نىسبىتى %98 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن سەككىز پوئېنت ئاشقان. بۇ يىل ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىدۇ.

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق زاپاس ساقلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىن يۈيۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىسكىلات قالدۇقى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، كارخانىلارنىڭ تاۋار ئىسكىلات قالدۇقى كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە. بۇغداي، شال قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىق تۈرلىرى بىر يىللىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ تەييار ئاشلىق، ياغ زاپىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى 20 كۈندىن ئاشىدۇ. ھازىر كارخانىلارنىڭ تاۋار ئىسكىلات قالدۇقى يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى، شەرقىي شىمال رايونىدا كۆممىقوناق تاۋار ئىسكىلات قالدۇقى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشتى.

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فاڭ جىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2021-يىلى، ئاشلىقنى «ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش»قا ماسلىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىپ ساقلاش، تەڭشەش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چىن يۈيۈن مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش ئاۋات مەزگىلى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا ئالدىن لايىھە تۈزۈپ، ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى يېتەرلىك قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېتىۋېلىندى، چاغانلىق ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولىدۇ

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى 12-يانۋار 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.