ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاشلىق كوزىرىنى قولدىن بەرمەي، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

«تۇنجى قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ كوزىرنى قولدىن بەرمەي، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن قىسمىدا ئىستانسىمىز مۇخبىرى خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭنى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىر مىليارد 800 مىليون مولۇق تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئۆلكىسى بولغان خېنەن ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق دېدى: خېنەننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئۇدا تۆت يىل 130 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، بولۇپمۇ بۇلتۇر ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى تۇنجى قېتىم 135 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، ئالاھىدە يىلدا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق دېدى: 14-بەش يىل مەزگىلىدە، خېنەن دۆلەت بىيو سورت يېتىشتۈرۈش كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق تەتقىقات سۇپىلىرى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك بۇغداي ئۇرۇقى پىلازما بايلىقى ئامبىرى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى، ئىمزالانغان تۈر 133 بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ 175 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق دېدى: 14-بەش يىل مەزگىلىدە، خېنەن ئۆلكىسى رايون قاتنىشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مۇھىم تايىنىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

ۋاڭ گوشېڭ كەسىپتىن ئىبارەت بۇ تۈۋرۈكنى مەزمۇت تۇرغۇزۇشنى چۆرىدەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خېنەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكىتى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، بىر تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن ئوننى، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك گۈللەنمە كەسىپ توپىدىن ئوننى تىرىشىپ يېتىشتۈرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاشلىق كوزىرىنى قولدىن بەرمەي، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلايلى

«تۇنجى قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ كوزىرنى قولدىن بەرمەي، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن قىسمىدا ئىستانسىمىز مۇخبىرى خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭنى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلدى.