ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 15:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2019-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى باھالاپ بېكىتىشنى باشلىدى، بۇ-فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لۇجۇ شەھىرى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خەيديەن رايونى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، قانۇنچىللىق يولى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە پۇختىلىنىپ، يۇقۇم جەريانىدا تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تىجارەت-سودا مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتە پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

شيامېندا، ياخشى قانۇنچىل تىجارەت-سودا مۇھىتى كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى. خەنتيەن تيەنچېڭ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى شيامېن چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ گەن مۇنداق دېدى: گەرچە كارخانىمىزنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن شەھەر رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى تارماقلار مەخسۇس تۇتاشتۇرۇپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى، چوڭى يېڭى ئىشخانا سېلىش، كىچىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش مەسىلىلىرىگىچە بولغان بىر قاتار تەدبىرلەر كارخانىنى خاتىرجەم يىلتىز تارتىپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇلتۇرنىڭ بېشىدا ئىش ئەسلىگە كەلگەن تۇنجى كۈندىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە، فېڭ گەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم پەيدا قىلغان قايتا ئىش باشلاش قىيىن بولۇش ئەھۋالى نۇرغۇن كارخانىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، لېكىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بەردى. 50 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچى زاۋۇت رايونىغا ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىپ ئىش باشلىدى، ئىجارە ماشىنا، ئىجارە پويىز، ھەتتا مەخسۇس ئىجارە ئايروپىلاننى ئىشقا سالدۇق، ياتاق، ماسكا قاتارلىقلاردىن غەم قىلمىدۇق.

خەنتيەن تيەنچېڭ-قانۇنچىللىق كاپالىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. 2015-يىلىدىن باشلاپ، شيامېن شەھىرى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ كۈچى ئارقىلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى دادىل ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر يۇقۇم مەزگىلىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئادەم تەشكىللەپ، كۆپلىگەن كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسۈم ياردىمى ئارقىلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بەردى.

مەيلى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتىدە بولسۇن، مەيلى دائىملاشقان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا بولسۇن، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە كېڭەيدى.

بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قوماندانلىق مەركىزىدە، ئون نەچچە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران بىر پۈتۈن تامنى تولۇق قاپلىغان بولۇپ، قاتناش، شەھەر قىياپىتى، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەنزىرىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، بۇ-جەمئىيەتنىڭ مەركىزىي نېرۋىسىنى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر چوڭ مېڭىسى.

سىستېما ھەر ۋاقىت ھەرىكەتچان كۆزىتىش، ئىز قوغلاش، ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ھەر دەرىجىلىك كەسىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، تەۋەلىكنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئىجتىمائىي بۆلەكلەر ۋە ئامما بىر گەۋدىلەشكەن ئىستېرېئولۇق، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

خەيديەن رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق دېدى: ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خەيديەن رايونى بۈيۈك مەلۇمات تېخنىكىسىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، نۇرغۇن تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدىن ھەر ۋاقىت ئورتاق بەھرىمەن بولدى، بۇ-ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا سۇپىسى، شەھەر باشقۇرۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە شەھەر قاتنىشىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىر قېتىملىق قەرەللىك چارلاپ تەكشۈرۈشتە، كاتەكچە خادىمى جاۋ جۈن خەيديەن رايونى زىجۇيۈەن كوچىسى ۋېيگۇڭسۈن يول ئېغىزىنىڭ جەنۇبىغا 200 مېتىر كېلىدىغان قۇدۇق قاپقىقىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى دەرھال سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىدى، «شەھەر چوڭ مېڭىسى»نىڭ ياردىمىدە، پەقەت تۆت سائەتتىلا قۇدۇق قاپقىقى تېپىلدى.

يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرى جياڭياڭ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تويلىشىشقا تىزىملاش ئورنىدا، شەھەر ئاھالىسى لى ماۋ 20 مىنۇتتىلا يوقاپ كەتكەن توي خېتىنى تولۇقلاپ ئالدى، بۇ قېتىمقى خەلققە قولايلىق يارىتىش تەسىراتى يېقىندا لۇجۇ شەھىرى يېڭىدىن يولغا قويغان «ئىسپاتسىز شەھەر ئەپ سىستېمىسى»دىن كەلگەن.

ئىلگىرى ئارخىپلارنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ھەر قايسى تارماق، ئورگانلارنىڭ تەستىقلىتىشىغا توغرا كېلەتتى، رەسمىيەتلەر مۇرەككەپ بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە «تويلىشىش مۇناسىۋىتى ئىسپاتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، توي خېتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشتە پەقەت ئالاقىدار كىشىلەر ۋەدىنامە ئىمزالىسىلا بولىدۇ، قالغان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تارماقلار ھەمكارلىشىپ تەكشۈرىدۇ.

«ئىسپاتسىز شەھەر»-ئىسپات پەقەت يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ چېپىپ يۈرۈپ ئىسپات ئېلىشىنىڭ ھاجىتى دېگەنلىك. لۇجۇ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇن-نىزام بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جېڭ ياۋ مۇنداق دېدى: لۇجۇ شەھىرى تۇنجى قېتىم «دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋەدە بېرىش ئۇقتۇرۇشى»نى يولغا قويدى، دەۋالاشقۇچىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى ئالدى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئاندىن باشقا تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرىدۇ.

«ئىسپاتسىز شەھەر» بەرپا قىلىنغاندىن بۇيان، لۇجۇ شەھىرى مەمۇرىي تەستىقلاش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان 7000 تۈرلۈك ئىسپات ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، پۈتۈن يىلدا ئىش بېجىرىدىغان ئامما ئۈچۈن تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ پارچە تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى ئازايتتى.

جايلار مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تەستىقلاش تۈرلىرى ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىسپات، نامۇۋاپىق ھەقلەرنى ئىمكانقەدەر ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش بېجىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى.

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى داۋامىدا مەمۇرىي ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىماقتا. شەھەر مەمۇرىيىتى مۇلازىمىتىدىن تۇرالغۇ ئۆينى ئۆزگەرتىشكىچە-خەلق ئاممىسى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلماقتا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2019-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى باھالاپ بېكىتىشنى باشلىدى،