شىجياجۇاڭ ۋە شىڭتەي شەھەرلىرىدە بارلىق كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
خېبېي ئۆلكىسى 8-يانۋار چۈشتىن كېيىن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەققىدە تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىجياجۇاڭ بىلەن شىڭتەي شەھىرىدە 9-يانۋار بارلىق خادىملارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملايدىغانلىقىنى، مەنبەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ جىددىي ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيەنپېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8-يانۋار سائەت 10 غىچە، خېبېي ئۆلكىسىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 127 گە يەتتى، بۇنىڭ 118ى شىجياجۇاڭدا، توققۇزى شىڭتەيدە، تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 183، بۇنىڭ 177سى شىجياجۇاڭدا، ئالتىسى شىڭتەيدە.
ئىگىلىنىشىچە، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ، شىڭتەي شەھەرلىرىدىكى كىشىلەردىن بەك زۆرۈر بولمىسا شەھەر سىرتىغا چىقماسلىقنى، ئىككى شەھەردىكى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. شىجياجۇاڭ، شىڭتەي نەنگوڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ، ئالاھىدە ئېھتىياج بولمىسا، بىردەك كىرىشكە بولىدۇ چىقىشقا بولمايدۇ.