ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-20 09:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىز ئىسپات ئىشلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىسىگە ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-نويابىر ئۆتكۈزگەن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار «يېتەكچى پىكرى» توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

«يېتەكچى پىكىر»دە كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىدىكى «توسۇق نۇقتىسى»، «قىيىن نۇقتىسى»غا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى بارلىق مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە ئاپپاراتلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت، مەمۇرىي ئېتىراپ قىلىش، مەمۇرىي بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرگەندە، ھەممىسىدە ئىسپات ئىشلىرىنى ۋەدە بېرىپ ئۇقتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. بولۇپمۇ نوپۇس باشقۇرۇش، بازار سۇبيېكتى تىجارەت ئىجازىتى، سالاھىيەت ئىمتىھانى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردىمى قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىشلىتىش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى ساھەلەردە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«يېتەكچى پىكىر»دە يەتتە تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرى بەلگىلەندى، بۇ ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى ئىسپات ئىشلىرىنى ئېنىق بېكىتىش؛ ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنىڭ تەتبىقلىنىش ئوبيېكتىنى بېكىتىش؛ يەنە ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

ئېلىمىز ئىسپات ئىشلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىسىگە ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ،