ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس زايوم ئاساسىي جەھەتتىن تارقىتىپ بولۇندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 16:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە يەرلىكتە ئۈچ تىرىليون 546 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك مەخسۇس زايوم يېڭىدىن تارقىتىلىپ، يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىشكە ئىشلىتىلگەندىن باشقا، تارقىتىش سۈرئىتى ٪99.9 بولغان. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، 11-نويابىر 200 مىليارد يۈەن مەخسۇس زايوم ئالدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىشكە مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلدى.

2020-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۈچ تىرىليون 750 مىليارد يۈەن مەخسۇس زايومنى يېڭىدىن تەستىقلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 31-ئۆكتەبىرگىچە، ئۈچ تىرىليون 60 مىليارد يۈەنلىك مەخسۇس زايوم يېڭىدىن تارقىتىلغان، بۇ تارقىتىش كۆلىمىنىڭ %86 نى ئىگىلىگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس زايوم ئاساسىي جەھەتتىن تارقىتىپ بولۇندى

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە يەرلىكتە ئۈچ تىرىليون 546 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك مەخسۇس زايوم يېڭىدىن تارقىتىلىپ،