ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كېلىشتۈرۈش خىزمىتىنى خەلق سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتلاش پائالىيىتىنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 15:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 18-نويابىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدە سوت مەھكىمىلىرى خەلق سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئەدلىيە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كېلىشتۈرۈش خىزمىتىنى خەلق سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتلاش خىزمىتىنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاچقان 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق سوت كوللېگىيەلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 10759 خەلق سوت كوللېگىيەسىدە جەمئىي 18969 ئىشتاتلىق سوتچى باركەن. خەلق سوت كوللېگىيەسى ئاساسي قاتلام ئاممىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، دېلولارنى يىغىنچاقلاپ، ئېغىر يېنىك، تېز ئاستا دەپ تۈرلەرگە ئايرىغان. جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى پۇل مۇئامىلە، قاتناش-تىرانسپورت، ئائىلە ئىشلىرى، خوجىلىق باشقۇرۇش، ساياھەت، مۇھىت بايلىقى قاتارلىق كەسپىي كوللېگىيەلەرنى تەسىس قىلىپ، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگەن.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق سوت كوللېگىيەسى تويلىشىش، ئائىلە ماجىراسى، ئەل ئارىسىدىكى ئېلىم-بېرىم ماجىراسى، توختام ماجىراسى، جىسمانىي زىيان تۆلىمى ماجىراسى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدا كۆپ يۈز بېرىدىغان دېلولارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق قاراپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有