ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 09:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك ئاچتى، يىغىندا رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛ كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال، نۇقتىلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماسلىشىپ، «ئىنتېرنېت+ساياھەت»نى قوللايدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلدى؛ خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كۆپەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېقىندا ئىمزالانغان رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇ ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇش كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا پايدىلىق. يىغىندا ئالاقىدار تارماقلاردىن كېلىشىمدە بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەدىسىگە بالدۇرراق ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئىستېمال يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىدى، نورمال ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىق كۆپ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1.ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى كېڭەيتىش كېرەك. جايلارنىڭ نومۇر تاختىسى كۆرسەتكۈچىنى كۆپەيتىپ تارقىتىشىغا ئىلھام بېرىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنى 3.5 توننىلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يۈك ئاپتوموبىلى، 1.6 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش مىقدارىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا، ئاھالىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللارنى شاللىۋېتىشىگە ھەمدە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

2.ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە جابدۇقلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلارنى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئائىلە سايمانلىرىنى شاللىۋېتىش ھەمدە يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، مۇھىت ئاسرايدىغان ئائىلە سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

3. يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ قورۇما سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە، تىجارەتتە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش، ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە يېمەك ـئىچمەكنى تونۇشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش لازىم.

4. ناھىيە، يېزا-بازار ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزاـ بازارلارنىڭ سودا ئەسلىھەلىرى ۋە كەنت ئەشيا ئوبوروتى پونكىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ساختا، ناچار تاۋارلارغا زەربە بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاساسىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا «ئىنتېرنېت + ساياھەت»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەقلىي ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇشنى قوللاپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ توردا سېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇلۇت ساياھىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاقتى-سوقتى قىلىشقا زەربە بېرىش كېرەك.

سۇ ئامبىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز 72 مىڭغا يېقىن خەتەرلىك سۇ ئامبىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملىدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تولۇقلىما مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىك ۋە ئەل-ئىچى مەبلىغىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، 2025-يىلىدىن ئىلگىرى ھازىر بار بولغان خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاپ، سۇ ئامبارلىرىدا يېڭىدىن كۆرۈلگەن خەتەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ پۇختىلاش؛ كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك ئاچتى، يىغىندا رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛