ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2021-يىللىق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى ۋىدېيو يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2021-يىللىق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى ۋىدېيو يىغىنى 16-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خەلق گېزىتى، ئىزدىنىش ژۇرنىلى، شۇنداقلا نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم بايلىقى ۋە مۇھىم ۋاسىتىسى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي بازىسى. جايلار، تارماقلار ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇش تەلىپىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇشتەرى بولۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشى، ھەم پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقىتىشنى تۈزەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىي تارقىتىش، سېلىق سېلىپ تارقىتىش، قوشۇپ تارقىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، ياخشى تارقىتىش تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تارقىتىش ۋاقىت ئۈنۈمى ۋە تارقىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مەزمۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، گېزىت-ژۇرنال چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى تىرىشىپ جەلپ قىلىش كېرەك.

پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى ئوقۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى ئوقۇش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2021-يىللىق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى ۋىدېيو يىغىنى ئېچىلدى

2021-يىللىق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى ۋىدېيو يىغىنى 16-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى.