ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

10-ئايدا ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 09:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-نويابىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 10-ئايدا ئېلىمىز ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، ئېھتىياج مۇقىم ياخشىلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش داۋاملىق ياخشىلاندى، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار مۆلچەرى ياخشى بولدى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 10-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەت %6.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئاي بىلەن تەڭلىشىپ، %80 تىن ئارتۇق كەسىپتە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن بىر پوئىنت تېز بولدى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئېشىپ، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بىر پوئىنت تېز بولدى، ئۆي مۈلۈك، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ئاشتى.

فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىدا مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلەر ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىن ٪70 تىن ئارتۇق ئاشتى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كەڭ مەنىدىكى پۇل 10.5% ئېشىپ، ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى بولدى، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى يۈك تىرانسپورتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشيوللاردىكى يۈك تىرانسپورتى %8.9 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تىجارىتى سىجىل ياخشىلاندى. بۇ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا جانلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئالدىنقى 10 ئايدا، ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ تورىدىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق تېزلەشتى، تېز يوللانما كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %30 كە يېقىنلاشتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى 10 ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10مىليون 90 مىڭغا يېتىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى.

فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئەۋرىشىملىكى، ياخشى ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى، جۇڭگو سوتسىيالىزم تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىقتىساد ئايلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن 4-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى 2-، 3-پەسىلدىكىدىن يەنىمۇ تېز بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

10-ئايدا ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

10-ئايدا ئېلىمىز ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، ئېھتىياج مۇقىم ياخشىلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش داۋاملىق ياخشىلاندى، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار مۆلچەرى ياخشى بولدى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى.