ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى فونتانسىمان ئاشتى

مەنبەسى:     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:07

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ «تور قىزىق مەنزىرە نۇقتىسى»دا ساياھەتچىلەر داۋاملىق كۆپەيدى. ئەنئەنىۋى مەنزىرە رايونى قاناس دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 10 مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، مايتاغ _ كۇچا تاشيولى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، قورغاس _ جۇڭگو _ قازاقىستان خەلقئارا ساياھەت رايونى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

ساياھەت بايلىقى مول بولغان شىنجاڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقنىڭ پايدىسىغا تايىنىپ، «قاتناش + ساياھەتچىلىك يۇغۇرۇلمىسى»، «ئۆزگىچە مىللىي ئۆرۈپ ئادەت»، «يېرىم كېچىلىك ئاشخانا» قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت تەدبىرلىرى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇلارنى ھەل قىلدى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى «فونتانسىمان» تەرەققىيات مۇھىم باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، «ئادەم ۋە مالىيە» تەڭ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 180 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40.9 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 304 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40 ئاشتى، تارىخىدا قوش يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 2018-يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت كىرىمىدىن مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئېشىپ كەتتى. بولۇپمۇ دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئالتۇن كۈزدىكى توغراق، چۈش كەبى قاناس، ئاق قېيىن ئورمىنى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كۈزلۈك ساياھەت ئارقىلىق زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «فونتانسىمان» ئېشىش يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有