ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تۇنجى قوش قەۋەتلىك تاشيول كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:09

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ۋۇخەن ياڭسى پورتى چاڭجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تۇنجى قوش قەۋەتلىك تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋۇخەن ياڭسى پورتى چاڭجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تۇنجى قوش قەۋەتلىك تاشيول كۆۋرۈكى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە چات ئارىلىقى ئەڭ چوڭ قوش قەۋەتلىك ئاسما كۆۋرۈك. ياڭسى پورتى چاڭجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4.13 كىلومېتىر بولۇپ، سۇ يولى ۋە ۋە قاتناش مىقدارى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، دەريادىن ھالقىش لايىھەسى قوللىنىلدى، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ چات ئارىلىقى 1700 مېتىرغا يەتتى. جۇڭگو تۆمۈر يول چوڭ كۆۋرۈك ئىدارىسى ياڭسى پورتى چوڭ كۆۋرۈكى تۈرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى لۇپىڭ مۇنداق دېدى: كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدا، قاتناش ئىقتىدارى، ئۇل كۆلىمى، يۈك لايىھەسى قاتارلىق كۆپ تۈرلەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有