ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ يېپىلىش موراسىمىغا قاتنىشىش ھەمدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران.خان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلەر، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر ۋە پۇختا ئاساسقا ئىگە، ھېچقانداق قوشۇمچە شەرت قويۇلمىغان، ھەر قانداق بىر 3-تەرەپكە قارىتىلمىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن قوغدىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو زۇڭلى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن كۆرۈشىدۇ. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىرى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدى ئويلىشىدىغان يۆنىلىش قىلىپ، پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، پاكىستاننىڭ گۈللەپ روناق تېپىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، پاكىستاننىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللاپ كەلدى. بىز پاكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىدىن خۇشال بولدى، پاكىستانغا داۋاملىق چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشىنى خالايدۇ. بىز پاكىستان بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى باغلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد-سودا، مالىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ سودىسىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستاندىكى جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

ئىمران خان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى نۆۋەتتە مۇقىملاشتى ھەمدە تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە، بۇ پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. پاكىستان جۇڭگو بىلەن "بىر بەلباغ بىر يول" نى تەڭ قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ۋە گۋادار پورتى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى، جۇڭگو بىلەن سودىغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى، مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە قاتناشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ئىمران خان شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有