ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرى: نىقابلىنىشنى مەنئى قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈش دەل ۋاقتىدا بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 09:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرى زوراۋانلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە قارىتا،نىقابلىنىشنى مەنئى قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈش دەل ۋاقتىدا بولدى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز دېدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن خۇيجۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار باشقىلارنىڭ تونۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈزىنى ئېتىۋالماقتا، بىز زوراۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، نىقابلىنىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چىقاردۇق، چۈنكى شياڭگاڭدا ئاممىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار يۈز بەردى، شۇڭا بۇنىڭ نېگىزلىك قانۇندا پۈتۈنلەي ئاساسى بار.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لياڭ مېيفېن مۇنداق دېدى: چۈنكى ھازىرقى ۋاقىت جىددىي بولغانلىقى ئۈچۈن، جىددىي ئەھۋال قائىدە نىزامىغا ئاساسەن، نىقابلىنىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈش بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇشقا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە، نېگىزلىك قانۇنىمىز ۋە شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىنىڭ يادرولۇق قىممىتىگە ئۇيغۇن.

شياڭگاڭ چۈەنۋەن رايونلۇق پارلامېنتنىڭ ئەزاسى لىن لىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەنمۇ شياڭگاڭدەك بۇنداق تەرەققىي قىلغان شەھەرنىڭ بۇ خىل زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. لېكىن بىز ئىلگىرى تىزگىنلىيەلمىدۇق، چۈنكى نىقابلىنىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىلمىغان ئىدى، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشمۇ قىيىنغا توختىغان ئىدى، ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىمۇ ناھايىتى تەس ئىدى. ئەگەر نىقابلىنىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى بۇ جەھەتتە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشكە ياردەم بېرىپ، زوراۋانلىقنى توسۇش رولىنى ئوينىسا، مېنىڭچە چوقۇم تېزدىن ئىجرا قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有