ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش مەزگلىدە دۆلەت ئىچى ساياھىتىنىڭ كىرىمى 600 مىليارد يۈەندىن ئاشقان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 18:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىچىدىن 782 مىليارد ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.81 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 649 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.47 ئاشقان، مەنزىرە رايونىنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىشى، تېز سۈرئەتلىك يوللاردا ھەقسىز يۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرىلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق ئىجابىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى مۇقىم ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆكتەبىر دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، %66.4 ساياھەتچى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئادىمىيەت ساياھىتى مەنزىرە نۇقتىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان، %59.45 ساياھەتچى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا مەھەللىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان، %86.36 ساياھەتچى ئىككى تۈردىن ئارتۇق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان. جياڭشى، گۈيجۇ، سىچۈەن قاتارلىقلار جايلاردىكى مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارايلىرى ئېچىش ۋاقتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇزارتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلغان؛ بېيجىڭدىكى ھەر قايسى سەنئەت ئۆمەكلىرى جەمئىي 521 مەيدان ئويۇن قويغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ باش تېمىلىق كۆرگەزمە، ھۆسنخەت پائالىيىتى، رەسىملىك كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن 977 نى قانات يايدۇرۇپ، چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

ئۆكتەبىر دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن رايون ساياھىتى تېز راۋاجلاندى، كەچلىك ساياھەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، %44.96 ساياھەتچى كەچلىك ساياھەت پائالىيىتىگە قاتناشتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايەن قىلىنغان شەھەرنىڭ بەلگىلىك زور قۇرۇلۇشلىرى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش، ئائىلە ساياھىتى، كۈز سەيلىسى دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە %30.57 ساياھەتچى ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىشنى تاللىغان، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ، ۋەننەن، سىچۈەن شىزاڭ قاتارلىق جايلارغا ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە بېرىش يول لىنىيەسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有