ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىسىدە مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 18:58

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش سوممىسى 1 تىرىليون 520 مىليارد يۇەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەت قىلىپ كۆزىتىشىگە قارىغاندا، بۇ يىل "ئۆكتەبىر" ئالتۇن ھەپتىسىدە سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىستېمال يارقىن نۇقتىلىرى نامايەن بولۇپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، كەچلىك ئىقتىساد، تۇنجى دۇكان ئىقتىسادى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان، خاسلىشىش، سۈپەتلىك بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلغان، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك، باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有