يەر شارىدىكى بىمار 79 مىليون 670 مىڭغا يەتتى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، يەر شارىدىكى دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 79 مىليون 670 مىڭغا يەتكەن؛ يېڭىدىن 6807 بىمار قازا قىلىپ، قازا قىلغان بىمار جەمئىي بىر مىليون 761 مىڭ 381 گە يەتكەن. ئامېرىكا جونېس خوپكىنىس داشۆسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت تۆتتىن 22 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا دىياگنوز قويۇلغان بىمار 19 مىليون 228 مىڭ 424 كە يەتكەن، 334 مىڭ 116 بىمار قازا قىلغان.