ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەلىكلەر ۋە ۋىزىسى بار چەت ئەللىك خادىملار 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ شەرتنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ياپونىيەگە كىرسە بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-28 17:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدە 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2021-يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىن كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشى پىرىنسىپ جەھەتتىن ۋاقتىنچە توختىتىلدى، ياپونىيەلىكلەر ۋە ۋىزىسى بار چەتئەللىكلەر يۇقىرىقى مەزگىللەردە يەنىلا چېگرىدىن كىرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو، كورېيە قاتارلىق 11 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرىدىن كىرىش مەسىلىسىنى پەسەيتىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار قىسقا مۇددەتلىك ۋىزىسى بار ئەھۋالدا ياپونىيەگە كىرگەندىن كېيىن 14 كۈن ئايرىۋىتىلمەيتى، ئەمما ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋىزىسى بار سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن يەنىلا 14 كۈن ئايرىۋېتىلگەن ئىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەلىكلەر ۋە ۋىزىسى بار چەت ئەللىك خادىملار 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ شەرتنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ياپونىيەگە كىرسە بولىدۇ

ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدە 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن