ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭى جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىگە ئوردېن بەردى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو ئوتتۇرا ئافرىقىغا ياردەم بەرگەن 17-تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىگە ئوردېن بېرىش ۋە «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى جۇڭگو باش ئەلچىسى مېدالى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. زۇڭتۇڭ تۇۋادېرا مۇنداق دېدى: داۋالاش ئەترىتىنىڭ بۇ ئەزالىرى-ھەم جۇڭگونىڭ دوختۇرلىرى ھەم ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ دوختۇرلىرى، مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ۋە تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.