ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ سەھىيە مۇتەخەسسىسى: ئەڭ ناچار يۇقۇم مەزگىلى تېخى يېتىپ كەلمىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-28 16:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسى فۇچ 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئەڭ ناچار يۇقۇم مەزگىلى تېخى يېتىپ كەلمىدى. بىز بايرام-دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن بىمارلارنىڭ تېز كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكىدىكى ئايرودۇرۇمدا بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ كۆلەمدە تارقالغاچقا ئامېرىكىدىكى 3100 دىن ئارتۇق ناھىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرمۇ ئۈچ ياش تۆۋەنلىگەن .

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ سەھىيە مۇتەخەسسىسى: ئەڭ ناچار يۇقۇم مەزگىلى تېخى يېتىپ كەلمىدى

ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسى فۇچ 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى