ئامېرىكا تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 3 مىليونغا يېقىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى، ھەرقايسى جايلاردىكى دوختۇرخانىلار جىددىي ئوكۇل سېلىش ئورنى تەييارلاۋاتىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىدۇ. «نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پىفىزىر شىركىتى بىلەن BioNTech نىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى جىددىي ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان، 3 مىليونغا يېقىن ۋاكسىنا 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتقا يەتكۈزۈلگەن ۋە تارقىتىلغان.