ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ۋاشىنگتوندا نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-09 10:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، تىرامپنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ئولىمپىيا شەھىرىدە قوللىرىدا «تىرامپ2020» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، تىرامپنى قوللايمىز، سايلامدا ئالدامچىلىق قىلىشنى توختاتسۇن دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ئېتىراز بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نەق مەيداندا يەنە سولچىل تەشكىلاتلارنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى يىغىلىپ، نامايىشقا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى پورتلاند شەھىرى، ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ ۋانكوۋېر شەھىرى، مىچگان ئىشتاتىنىڭ لانسىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا زور كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى يۈز بەرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئىككىنچى قېتىم مىليون كىشىلىك چوڭ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن، بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ مەقسىتى- 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان سايلىغۇچىلار ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ۋاشىنگتوندا نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، تىرامپنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ