ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغان سودا كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-08 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېر لېين ھازىر ۋاقتىنچە توختىتىلغان ئەنگلىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدە بىر سائەتلىك تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇرغۇن سۆھبەت ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالىدۇ. لېكىن، بېلىق تۇتۇش ھوقۇقى، ئادىل رىقابەتلىشىش قائىدىسى ۋە يېڭى بەلگىلىمىنى قانداق يولغا قويۇش مەسىلىسىدە زور ئىختىلاپ بار. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ تەكىتلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىختىلاپنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى باھالاش ئۈچۈن سۆھبەت كوللېكتىپىنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قوشۇلدى. بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كېلىشىمى سۆھبىتى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى سۆھبەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قايتا ئىپادە بىلدۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغان سودا كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى

شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون بىلەن ياۋروپا