ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-04 09:33

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035- يىلغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشانىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»ئى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 2035-يىلغىچە بولغان نىشان ۋە «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، بەش يىللىق يىرىك پىلان دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشىنى كۆزىتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولغان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلگەن ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستىقبالىنى قانداق پىلانلايدۇ؟ چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئەمدىلا يېپىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن جاۋاب ئىزدىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېپىلىشىغا ئەگىشىپ، يىغىن ئاخباراتى خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە چۈشەنمەكچى بولغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم قارالمىسى جۇڭگونىڭ 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ رامكىسى ۋە كەلگۈسى 15 يىللىق يىراق كەلگۈسى نىشانىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىكەن. جۇڭگودىكى ئەڭ يۇقىرى تەدبىر بەلگىلىگۈچىنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي پىلانىنى تۈزۈشى تاشقى دۇنيانىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى ئۆزگىرىشنى چۈشىنىشىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئومۇمىي يىغىندا ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، «ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش» دېگەن مۇھىم يەكۈن چىقىرىلغان. بۇ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى تۈزۈشتىكى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. «ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش» جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىرادە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن كېلىدۇ. نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا ئۈمىدۋار ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگو نامايەن قىلىندى، دەپ قارىدى.

ياپونىيە «توكيو خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا، ئىچكى ئېھتىياج يېتەكچىلىكىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان «قوش ئايلىنىش» يېڭى سىياسىتى بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋېلىش قىياپىتى نامايەن قىلىندى. بۇ گېزىتتە مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قىياپەت دەل جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە نامايەن قىلغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچتە بولغانلىقىدا.

ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گەرچە دۇنيا ئېنىقسىز ئىستىقبالغا يۈزلەنسىمۇ، جۇڭگو بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە ئېيىدا يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى، لېكىن 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ. بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگونىڭ توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى. ئالدىنقى نەچچە بەش يىللىق پىلان بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالاھىدە بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، جۇڭگو «يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش» تەك تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئىككىنچى 100 يىل»نىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا، 2035-يىلغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرماقتا.

رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى تور بېكىتى مۇنداق دەپ قارىدى: «قوش ئايلىنىش» ئىستراتېگىيەسى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەگە ئايلاندى، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئېكسپورت ساقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ تېخىمۇ تېز ئاشقانلىقىدا. ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالدى: ئېكسپورت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش ئەندىزىسىدىن ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنداقلا تاشقى خەۋپ خەتەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يارىتىش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىر مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە غايەت زور بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى پەن-تېخنىكا جەھەتتە سىرتقا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە سۈرئىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى

ئۇزاقتىن بۇيان، بەش يىللىق يىرىك پىلان دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشىنى كۆزىتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.