ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويىگۇ يېقىندا رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى : يېقىندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مالىيە جەھەتتىن قوللىشى ئارقىسىدا، بەزى كىشىلەر بېلارۇسىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ بىرگەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنى «رەڭلىك ئىنقىلاب»قا قۇترىتىش ئارقىلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى مەقسەتلىك كۈچەيتىۋەتتى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويىگۇ يېقىندا رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ ۋىدېيولۇق