ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لى موڭباكنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش دېلوسىنى ئاخىرىقى سوت قىلىنىپ، لى موڭباك 17 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 18:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ جاي ۋاقتى10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سابىق زۇڭتۇڭ لى موڭباكنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش دېلوسىغا ئاخىرقى سوت ئىچىپ ، سابىق زۇڭتۇڭ لى موڭباكنىڭ كارخانىنىڭ مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە پار ئىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى دەپ 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، ھەمدە 13 مىليارد ھون (تەخمىنەن 76 مىليون 900 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) جەرىمانە قويدى، 5 مىليارد 780 نەچچە مىليون ھون (تەخمىنەن 34 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ) قايتۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1-، 2-سوتتا لى موڭباك ئايرىم- ئايرىم 15 يىللىق ، 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

78 ياشقا كىرگەن لى موڭباك كورېيە ھۇنداي گۇرۇھىدا 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان ، ئارقىدىن كورېيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى  ۋە سېئۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 2008 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە كورېيەنىڭ 17 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان .

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لى موڭباكنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش دېلوسىنى ئاخىرىقى سوت قىلىنىپ، لى موڭباك 17 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

شۇ جاي ۋاقتى10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سابىق زۇڭتۇڭ لى موڭباكنىڭ پارىخورلۇق،