ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20 دۆلەت گۇرۇھى ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنى 10-ئاينىڭ27-كۈنى يېپىلدى، بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنىدا « ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر ساھە ۋەكىللىرى مۇنداق دېدى: يەر شارى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستانى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋەزىرى فالىخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يۇقۇم ساياھەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا بازىرىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى، 20 دۆلەت گۇرۇھى 11 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە 73 دۆلەتنىڭ قىسمەن قەرزىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا قوشۇلدى .

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20 دۆلەت گۇرۇھى ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنى 10-ئاينىڭ27-كۈنى يېپىلدى،