ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەن ئامېرىكا كارخانىلىرى، شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالاشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 17:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەيۋەنگە ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە قورال-جابدۇق سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقىغا قارىتا 26-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قېتىم تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشكە قاتناشقان لوكخىد.مارتىن، بوئىن مۇداپىئە ئىشلىرى، رېيسون قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىغا شۇنداقلا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش جەريانىدا ناچار رول ئوينىغان ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالاشنى قارار قىلدى.

جاۋ لىجيەن شۇ كۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا يۇقارقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەيۋەن رايونىغا قورال جابدۇق سېتىپ بېرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ۋەدىسى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋە ئامېرىكا-تەيۋەننىڭ ھەرقانداق ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىدۇ. بىز داۋاملىق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىنى قوغدايمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەن ئامېرىكا كارخانىلىرى، شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالاشنى قارار قىلدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەيۋەنگە