ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:14

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارلامېنت باشلىقى ساسولى ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى.

شۇ كۈنى چۈشتە مېركىل بىلەن ساسولى بېرلىندا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. مېركىل مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ئىككى تەرەپ مۇزاكىرىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە. گېرمانىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كېڭىشى زىچ ماسلاشقاندىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

ساسسولى مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتى يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىمۇ پات ئارىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. مېنىڭ بۇ قېتىم بېرلىندا زىيارەتتە بولۇشدىكى مەقسىتىم گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى بەزى مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئاڭلاش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有