ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى خيۇستون راكېتا كۇلۇبى بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى خيۇستون راكېتا كۇلۇبىدىكى ئالاقىدار كىشىنىڭ خاتا سۆزلىرى توغرىسىدا قارشى تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى. جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ۋە خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلىق شېرىكلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ مەيدانى ناھايىتى ئېنىق. مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى ۋە پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ خەلق رايىنى چۈشەنمىسە بولمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有