ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋېنگىرىيەدە جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-07 17:22

بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، يېقىندا ۋېنگىرىيەدە «خەنزۇچە خەت» خەلقئارا سەييارە كۆرگەزمىسى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى تەبرىكلەش كېچىلىكى ۋە زىياپىتى، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو مىللىي ئۇسسۇللۇق تىياتىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

ۋېنگىرىيە خۇاشىڭ سەنئەت ئۆمىكى، ۋېنگىرىيە چىڭتيەن يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى، ۋېنگىرىيە فۇچىڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى، ۋېنگىرىيە مىڭشى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ۋېنگىرىيە چياۋمىنلار، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە باش جەمئىيىتى قاتارلىق چياۋمىنلار تەشكىلاتلىرىمۇ يېقىندا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有