ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاۋشيەننىڭ پارتىيە گېزىتى چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-07 17:21

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئەمگەك خەۋەرلىرى»دە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، دەپ تەكىتلەندى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇن، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان تارىخىي پۇرسەت بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ كۈچلۈك راۋاجلىنىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى بولغان ئىدى. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دوست قوشنىلار، ئۇزاق ئاساسقا ئىگە چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىنىڭ يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن ئورتاق قىممەتلىك بايلىق. چاۋشيەن خەلقى بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو خەلقى بىلەن ئاۋۋالقىدەكلا چىڭ قول تۇتۇشۇپ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有