ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-07 11:22

يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ياكى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

بېنگال زۇڭتۇڭى خەمىد جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى، دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ ياخشى تىلەك تىلىدى، جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. لىۋان زۇڭتۇڭى ئوئېن: جۇڭگو قوللانغان دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، دېدى. قاتار ئەمىرى تامىم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى: ئېفىيوپىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، دېدى، جۇڭگونىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. لىبېرىيە زۇڭتۇڭى ۋىئا مۇنداق دېدى: لىبېرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى لىبېرىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. سېنېگال زۇڭتۇڭى سال جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سېنېگال بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئىستراتېگىيەلىك، ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زامبىيە زۇڭتۇڭى لۇنگۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو زامبىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستى. زامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساركىشيان جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى زۇرابىشۋىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشى ۋە گۈللىنىشىگە چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىرېلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگىنىس جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، باي-باياشات بولۇشىنى تىلىدى. ئىسلاندىيە زۇڭتۇڭى جوھان نېسون: ئىسلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تەڭ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. چىلى كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى تېلېل ۋە باش شۇجىسى كامونا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگونىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۆزگەرتتى، بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالماگارو جۇڭگو خەلقىنىڭ كەلگۈسى يىللاردىمۇ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شەرقىي تېمۇر زۇڭتۇڭى لۇ ئولۇ، يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى، سودان ئىگىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بورخان، جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى كىر، سومالى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، جىبۇتى زۇڭتۇڭى گۆۋەللىخ (Guelleh)، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى، گابۇن زۇڭتۇڭى بونگو، ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات، مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دودون، سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاسيادس Anastasiades، لىتۋا زۇڭتۇڭى ناۋسىدا، گرېنادانىڭ باش ۋالىيىسى گىرىنادې GRENADE ، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدانىڭ باش ۋالىيىسى ۋىليامىس، دومىنىكا زۇڭتۇڭى ساۋالىن، پاپۇئا يېڭى گېۋېنىيىسىنىڭ باش ۋالىيىسى دادائەي، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى پانولو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چۈ دۇڭيۈ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى رايدىر، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى مالپاس، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى تاكىخىكو ناكاۋ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن قاتارلىقلارمۇ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有